ئىزمىردا كۆپ ساندا كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرى بىلەن مۇغلانىڭ كۆيجەغىز ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئونلارچە تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1750937
ئىزمىردا كۆپ ساندا كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىرنىڭ چەشمە ۋە دىكىلى ناھىيەلىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن دېڭىز ئارقىلىق تۈركىيە تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇرلارنغان 137 نەپەر تەرتىپسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ كۆيجەغىز ناھىيەسىدىمۇ بېلىقچى ياردەمچى پاراخوتىدىكى 100 نەپەر تەرتىپسىز كۆچمەن قۇرۇقلۇققا چىقىرىلدى، تەشكىللىگۈچىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر