چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قەدەملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ئەرمېنىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قەدەملىرىنى تاشلاش ئۈچۈن ئۆزئارا ئالاھىدە ۋەكىللەرنى تەيىنلەيمىز» دېدى.

1747038
چاۋۇشئوغلۇ ئەرمېنىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قەدەملىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزى جەريانىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تۈركىيەنىڭ كاۋكازدا رايون تىنچلىقىنى بەرپا قىلىپ، گۈللىنىشى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەزەربەيجان بىلەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ: «بىز يەنە ئەزەربەيجان بىلەنمۇ مەسلىھەتلەشتۇق، يېقىندا ئەرمېنىيە بىلەن نورماللىشىش قەدەملىرى ئۈچۈن ئۆزئارا ئالاھىدە ۋەكىللەرنى تەيىنلەيمىز ۋە ھەر بىر قەدەمنى ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە تاشلايمىز. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئەرىۋان بىلەن ئىستانبۇل ئوتتۇرىسىدا ھۆددىگەرلىك تۈۈمىدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر