تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 191 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 191 كىشىىگە يەتتى.

1746159
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 191 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر كۈن ئىچىدە 349 مىڭ 221 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 19 مىڭ 255 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.  

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقايغانلارنىڭ سانى 23 مىڭ 180 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 121 مىليون 603 مىڭ 219 غا يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر