ئەردوغان: كېلەچەكنىڭ تۈركىيەسىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەچەكنىڭ قۇدرەتلىك تۈركىيەسىنى ھەممە بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1578313
ئەردوغان: كېلەچەكنىڭ تۈركىيەسىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنى تارىخىي زەپەرلەر مەنزىلگاھىغا يەتكۈزۈش كۈرىشىدە ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىكلىرىنىڭ ھەمىشە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى تارىخىي زەپەرلەر مەنزىلگاھىغا يەتكۈزۈش كۈرىشىمىزدە بىز بىلەن بىرگە بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە باغرىمىزمۇ، قەلبلىرىمىزمۇ، ئىشىكلىرىمىزمۇ ھەمىشە ئوچۇقتۇر، بىزنىڭ بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ناھايىتى ئۇزۇن يولىمىز، ئىشلەشكە تېگىشلىك ناھايىتى كۆپ خىزمەتلىرىمىز بار، خۇدايىم بۇيرۇسا، كېلەچەكنىڭ بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيەسىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر