ئەردوغان ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن سىنلىق كونفېرانستا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن سىنلىق كونفېرانستا كۆرۈشتى.

1560636
ئەردوغان ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن سىنلىق كونفېرانستا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتتە تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىنى ياۋروپادا كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر بەت ئاچماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ خاھىشى ۋە ئۇلار پەيدا قىلغان سۈنئىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 2020 - يىلىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە پايدىلىق بولمىغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ يالغۇز ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسى نۇقتىسىدىلا ئەمەس، بەلكى كەڭ ئورتاق جۇغراپىيە جەھەتتىنمۇ سىجىل بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي كۈنتەرتىپ ئۈچۈن بىرىنچى باسقۇچتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋاستىنىڭ 18 – مارتتا ھاسىل قىلىنغان پىكىر بىرلىكىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، 2021 - يىلىنىڭ كۆچمەنلەر  ساھەسىدە يولغا قويۇلىدىغان يېڭى ھەمكارلىقلار ئۈچۈن مۇنبەت مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىلىنىشى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئەركىنلىكىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ۋە ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىدە قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچنى قايتىدىن تىكلەش، كېڭىشىش مېخانىزمىنى قايتىدىن يولغا قويۇش، قوشنا دۆلەتلەردىنمۇ بەك مۇزاكىرە باشقۇچىدىكى نامزات دۆلەت تۈركىيەگە قارىتىلغان چەتكە قېقىش، ئايرىمچىلىق خاراكتېرلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە خاتىمە بېرىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرتىپلىك ھالدا تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ۋە يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگ يىغىنلىرىنى قايتا باشلاشنى پايدىلىق كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر