ئەردوغان: كۈرىشىمىزنى بارلىق ساھەلەردە ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە فىرونتتا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان كۈرەشتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمىگۈچە توختاپ قالمايدىغانلىقلىرىنى، ئارام ئالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1552390
ئەردوغان: كۈرىشىمىزنى بارلىق ساھەلەردە ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە: «بىز ئەڭ ئۇلۇغ شەرەپ، ئەڭ ئۇلۇغ مەرتىۋە ۋە ئەڭ ئۇلۇغ سىياسەتنىڭ خەلقىمىزگە ئەسەر قالدۇرۇش، خىزمەت قىلىش ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكى ئېتىقادى بىلەن كېچە - كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، بىلەجىكنىڭ سۆگۈت ناھىيەسىدە بايقالغان ئالتۇن زاپىسىنى ئىككى يىلدىن كېيىن ئاچىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ يېڭى دۇنياۋى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، (جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈزىنچى يىلى بولغان) 2023 – يىللىق نىشانلىرىغا يېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

«رايونىمىز ۋە دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىش تۈركىيەنىڭ كۈچى ۋە ئەھمىيىتىنى ئىسپاتلىماقتا» دېگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقانداق شارائىتتا بۇ يولدىن قايتمايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«قاتناشنى ئۆز ئىچىگە بارلىق ساھەلەردىكى سېلىنمىلىرىمىزنى، تۈر – قۇرۇلۇشلىرىمىزنى، خىزمەتلىرىمىزنى توختاۋسىز دۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان، «بىزنىڭ مەيلى ئامېرىكا، مەيلى ياۋروپا مەيلى رۇسىيە مەيلى خىتاي ياكى رايونىمىزدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاھىدە — ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىمىز يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر