ئەردوغان: خەلقىمىزنى خازان ياپرقلىرىدەك سورىماقچى بولغانلارغا يول قويمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنى يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس بوران – چاپقۇنلىرىنىڭ ئالدىدا خۇددى خازان ياپراقلىرىدەك سورىماقچى بولغانلارغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1551534
ئەردوغان: خەلقىمىزنى خازان ياپرقلىرىدەك سورىماقچى بولغانلارغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۇنجەلى مۇزېيى، كونيا ئاقشەھىر تاش يادىكارلىقلار مۇزېيى ۋە بۇرسا تۈرك – ئىسلام مۇزېيىنىڭ رېمۇنت خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئېچىلىش مۇراسىمىغا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۆتمۈشنىڭ نۇقسانلىرىنى تاماملاشتىنمۇ بەكرەك، ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە سالغان كۆۋرۈك ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىگە يېپيېڭى بىر كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرى ۋە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتلىرىمىز مەزگىلىدە دۆتىمىزنىڭ دېموكراتىيەسى ۋە تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر داۋامىزدا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىمىزدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. خەلقىمىزنى يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس بوران – چاپقۇنلىرىنىڭ ئالدىدا خۇددى خازان ياپراقلىرىدەك سورىماقچى بولغانلارغا قەتئىي يول قويمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر