قالىن ئوبرىئېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

1499801
قالىن ئوبرىئېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قالىن بىلەن ئوبرىئېننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان ھۇجۇملىرى، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئەرمېنىيەنىڭ يۇقىرى قاراباغ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چېكىنىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى دائىرىسىدە قەدەم تاشلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سۆھبەت جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تەڭپۇڭ ۋە تەرەپسىز رول ئوينىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيەنىڭ بەرپاچى پوزىتسىيەسى سايىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ بىر چەتكە قايرىپ قويۇلماستىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن سۆھبەتتە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر