بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 45 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 45 كىشى قازا قىلدى.
1483732
![بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 45 كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5659/4130/ec26/5f2505799f48d.jpg?time=1719193488)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6462 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 107 مىڭ 927 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1596 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1947 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 246 مىڭ 876 كىشىگە يەتتى.