چاۋۇشئوغلۇ: جان ئەزەربەيجانغا جېنىمىز پېدا (دېدى)

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، «جان ئەزەربەيجانغا جېنىمىز پېدا» دېدى.

1454422
چاۋۇشئوغلۇ: جان ئەزەربەيجانغا جېنىمىز پېدا (دېدى)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقو تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا «SeninleyizAzerbaycan»  دېگەن بەلگە بىلەن ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، ئەزەربەيجان مىللىي مارشى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىق مارشى ئېيتىلغان بىر ۋىدېئونى ئورتاقلىشىپ، «جان ئەزەربەيجانغا جېنىمىز پىدا» دەپ يازدى.

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنى چېگرادىكى توۋۇز رايونىدا ئەزەربەيجان تەرەپكە زەمبىرەك قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈشىدىن كېيىن تالاپەتكە ئۇچرىغان ھالدا چېكىنگەنىدى.

توقۇنۇشتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىرى لېيتېنانت بولۇپ جەمئىي 4 ئەسكىرى شېھىت بولغان، 4 ئەسكەر يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر