ئەردوغان يۇقۇم ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەھىيە كىرىزىسلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

1454029
ئەردوغان يۇقۇم ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى
Cumhurbaşkanı Erdoğan TRT Özel Ortak Yayın 2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «Kriter» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بەرگەن باياناتىدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە ئۇل - ئەسلىھەلىرى جەھەتتە تەييارلىقسىز ھالدا يۇقۇمغا دۇچار بولغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ھەتتا پۇقرالىرىنى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى ماسكا، قوغدىنىش خالىتى ۋە قوغداش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئەقەللىي ئېھتىياجلىق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەشتىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تۈركىيەدە 40 مىڭ ئېغىر كېسەلىكلەر كارىۋىتى، 246 مىڭ ياتاقلىق دوختۇرخانا، 1213 كومپىيوتېرلىق توموگرافى ماشىنىسى، 4000 داۋالاش ئورگىنى ۋە 1 مىليون 100 مىڭ سەھىيە خادىمى بىلەن يۇقۇمغا ئەڭ راھەت تاقابىل تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنسانلار كۆڭۈل بۆلمەسلىكتىن ئۆلۈۋاتقان، سەھىيە خادىملىرى ماسكا تاپالمايۋاتقان، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدىن نومۇس قىلارلىق كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ھېچبىرىنىڭ تۈركىيەدە كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دىن، تىل، ئىرق ۋە رايون پەرقىگە قاراپ يۈرمەستىن، دۇنيادىكى 140 دۆلەتكە تىببىي ئۈسكۈنە ۋە لازىمەتلىكلەرنى يوللىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان تۈركىيە شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ بىرازىلىيەدىن سومالىغىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۇقۇمغا قارشى 8 خىل ۋاكسىننى قوشقاندا، جەمئىي 17 خىل دورا ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ساغلاملىقىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلگەن بۇ دەۋردە، تۈركىيەنىڭ چوڭ جەلپ قىلىش مەركىزى بولىدىغانلىقىغا شۇنداقلا سەھىيە ساياھەتچىلىكى ساھىسىدىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر