بۈگۈنمۇ ئۆلۈم سانى 20 نىڭ ئاستىدا بولدى
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.
1450103
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 16گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5 مىڭ 241 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 52 مىڭ 193 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 86 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
دوختۇرخانىدىن چىققان 2 مىڭ 135كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 182 مىڭ 995 كە يەتتى.