تۈركىيەدە يۇقۇم نىسبىتى كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشكە باشلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈم ۋە يۇقۇم نىسبىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە.

1443352
تۈركىيەدە يۇقۇم نىسبىتى كۈنسېرى تۆۋەنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 21 گە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 5046 گە يەتتى.

بىر كۈن ئىچىدە  52 مىڭ 303 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1458 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

 دوختۇرخانىدىن چىققان 1472 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 165 مىڭ 706 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر