ئونلارچە چەت ئەللىك مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى
گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1441208
![ئونلارچە چەت ئەللىك مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/90c5/67a4/5941/5ef194723e0f6.jpg?time=1719315541)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىكەسىر ۋە چاناققەلئەدە كامېر كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان چەت ئەللىكلەر، دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىنىڭ كېمىلىرىگە ئېلىندى.
بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى 190 مۇساپىرغا يېمەك – ئىچمەك ۋە تېببىي ياردەم بېرىلدى.