ئۆلۈم سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە
تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قارشى تۇرۇشىدا، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانى ئىزچىل كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.
1437305
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) غا قارشى كۈرىشىدە، ئۆلۈم سانى ئىزچىل تۆۋەنلىمەكتە.
يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 17 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 842 بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 46 مىڭ 800 كىشىنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلدى ۋە 1 مىڭ 467 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. 1 مىڭ 15 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 153 مىڭ 379 غا يەتتى.