چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 20 – گ گۇرۇھى قارمىقىدا قۇرۇلغان خەلقئارالىق ھەمكارلىق گۇرۇھىنىڭ تېلېكونفېرانس يىغىنىغا قاتناشتى.

1416471
چاۋۇشئوغلۇ خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يىغىندا، خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ تېببىي لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەشتىكى رولى، تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىنىڭ گەبزە ناھىيەسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تېخنولوگىيە بانكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈزگەن خىزمىتى  ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر