ئەردوغان رۇسىيەنىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا «رۇسىيەنىڭ 9 – ماي زەپەر كۈنى» نى تەبرىكلەپ تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

1413993
ئەردوغان رۇسىيەنىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېگەن: «ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، قىممەتلىك دوستۇم پۇتىن، رۇسىيەنىڭ زەپەر قازانغانلىقىنىڭ 75 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، <9 – ماي زەپەر كۈنى> ڭلارنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قاتتىق دەرد – ئەلەمگە دۇچار قىلغان ۋە مىليونلارچە سوۋېت پۇقراسىنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان كۈنلەردىن بىرى بولغان 9 – ماي كۈنى، خەلقئارالىق تىنچلىقنىڭ قىممىتىنى ئەڭ ھەيران قالارلىق شەكىلدە خاتىرىلىشىمىزدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتىمەن. ئاخىرىدا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشى كۈرىشىڭلاردا تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەمىشە ھەمكارلىق ئاساسىدا سىلەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمەن، سىزگە ۋە دوست رۇسىيە خەلقىگە ئامانلىق تىلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر