تۈركىيەنىڭ تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان يۈك ئايروپىلانى ئامېرىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيەدىن يوللانغان تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ باردى.

1407622
تۈركىيەنىڭ تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان يۈك ئايروپىلانى ئامېرىكاغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوپېراتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان يۈز ماسكىسى، تۇلۇم،  يۈزنى قوغداش ئۈسكۈنىسى، « N95» تىپلىق ماسكا ۋە تۇلۇم قاتارلىق  تېببىي لازىمەتلىكلەر قاچىلانغان ۋە تۈركىيەدىن تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە يولغا چىققان « A 400M » تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جوينت بەيس ئاندرېۋس ھەربىي ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىگە ئائىت « A 400M » تىپلىق يۈك ئايروپىلانى ئىلگىرىمۇ ئىتالىيە، ئىسپانىيە، ماكېدونىيە، قاراتاغ، سېربىيە، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا، ئەنگلىيە ۋە سومالىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى تۇشۇغانىدى.

تۈركىيە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانى 56 گە يەتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىۋاتقان دۆلەت بولۇشتىن سىرت يەنە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتىمۇ دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ تېببىي لازىمەتلىكلەر جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان ئۈچىنچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا خەلقى دوستلۇقۇڭلار، ھەمراھلىقىڭلار ۋە ياردىمىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن مىننەتدار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر