تۈركىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1403 كە يەتتى

تۈركىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1403 كە، ساقايغانلار سانى  4799 غا يەتتى.

1398132
تۈركىيەدە ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1403 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىلمىي كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 107 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى،  33 مىڭ 70 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 4062 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى، 24 سائەت ئىچىدە ساقايغان 842 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، بالنېستىن چىققانلارنىڭ سانى 4799 غا يەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر