تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلارنىڭ سانى 6 گە چىقتى

ئۆمرە ئىبادىتىدىن قايتقان پۇقرالار تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئەنقەرە ۋە كونيادىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىدا كارانتىناغا ئېلىندى.

1378295
تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلارنىڭ سانى 6 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۆمرە قىلىپ قايتىپ كەلگەن بىر پۇقرانىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، ئۆمرىدىن قايتىپ كەلگەن پۇقرالارنىڭ 14 كۈنلۈك قائىدىگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەپسۇسكى، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۆمرە قىلىپ قايتىپ كەلگەن بىر پۇقرانىڭ تەكشۈرۈلىشىدە، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭمۇ بولىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىمىز. زىيارەتچىلەرنى قوبۇل قىلماڭلار! سەھىيە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىك قىلچىمۇ خەتەر يوق دېگەنلىك ئەمەس» دېدى.

بۇ سان بىلەن تۈركىيەدە يۇقۇملانغان ئادەم سانى 6 گە يەتتى.

بۇ سان بىلەن تۈركىيەدە يۇقۇملانغان ئادەم سانى 6 گە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا، ئۆمرە ئىبادىتىدىن قايتقان پۇقرالار تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئەنقەرە ۋە كونيادىكى بەزى ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىدا كارانتىناغا ئېلىندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن تىۋىتتېردىكى باياناتىدا، «ئۆمرە ئىبادىتىدىن قايتقان پۇقرالىرىمىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن ياتاقلاردا كارانتىناغا ئېلىندى. سەھىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ تەدبىرلىرى ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن رىئايە قىلايلى. تاجسىمان ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا بىپەرۋالىق ۋە ئالاقزادىلىككە ئورۇن بەرمەيلى. بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر