مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى دېموكراتىيەنى ئەڭ چوڭ تەھدىت قاتارىدا كۆرمەكتە

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى ئۆز دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت قاتارىدا كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1360277
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى دېموكراتىيەنى ئەڭ چوڭ تەھدىت قاتارىدا كۆرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 56نۆۋەتلىك مىيۇنخىن خەۋپسىزلىك كونفېرانسىدىكى يىغىندا نۇتۇق سۆزلىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بەزى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، «بەزى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ رايوندا قىلىۋاتقانلىرى تولىمۇ خەتەرلىك. پۇلىنىڭ بارلىقىغا شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكلىرىگە قاراپ، ھەممە نەرسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقلىرىغا ۋە دۆلەتلەرنى سېتىۋالالايدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىشمەكتە. مەسىلەن لىۋىيەدە، ھافتىرنى قۇللاپ - قۇۋۋەتلەشمەكتە. بۇ دۆلەتلەر رايوندىكى بىرەر ئەرەب دۆلىتىدە دېموكراتىيەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشىنى ئۆز ھاكىمىيەتلىرىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدۇ. شۇڭا ھافتېرنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلشىۋاتىدۇ» دېدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پارىس قولتۇقىدىكى بۇ قېتىمقى كىرىزىسنىڭ بىر ياسالما كىرىزىس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلدى. لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق ئۇنسۇلارنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتېرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىىشمىگە خىلاپلىق قىلۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، تۈركىيەنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر