ئىدلىبتىن شېھىت خەۋىرى كەلدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ توپ ئوقىدا تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى، توققۇز ئەسكەر يارىلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئەسكەرنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.

1351936
ئىدلىبتىن شېھىت خەۋىرى كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىدلىب توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئىدلىبتە توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە رايونغا ئەۋەتىلگەن زاپاس قىسىمنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايلىرىنىڭ كوردىناتلىرى ئالدىن بېرىلگەن بولسىمۇ، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ توپ بومباردىمانىغا تۇتۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«توپ بومباردىمانى نەتىجىسىدە تۆت قەھرىمان ئەسكىرىمىز شېھىت بولدى، توققۇز ئەسكىرىمىز يارىلاندى. بىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىككىنچى باياناتىدا، «نىشانلارنىڭ ئوت چەمبىرىكىگە ئېلىنىپ، كېرەكلىك جاۋابنىڭ بېرىلگەنلىكى» قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر