چاۋۇشئوغلۇ «بىلد» گېزىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەنىڭ «بىلد» گېزىتىنىڭ، لىۋىيە يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ۋە باشقا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1345920
چاۋۇشئوغلۇ «بىلد» گېزىتىنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان لىۋىيە يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنىڭ، بارلىق ئىشتىراكچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆھبەت جەريانىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن مۇساپىرلار توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «بۇنىڭ ئۈچۈن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر قارار چىقىرىلىشى لازىم» دېدى.

رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە تەڭداش ياكى تەھدىت خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەر ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر