چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1335440
چاۋۇشئوغلۇ ئالجىرىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ 6 – 7 – يانۋار كۈنلىرى ئالجىريەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن. زىيارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر