سويلۇ:چېگرايىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان 250 مىڭ كىشىلىك مۇساپىرلار ئېقىنىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى توقۇنۇشلار تۈپەيلى، تۈركىيەنىڭ تەخمىنەن 250 مىڭ كىشىلىك بىر مۇساپىرلار ئېقىنىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
1333776
![سويلۇ:چېگرايىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان 250 مىڭ كىشىلىك مۇساپىرلار ئېقىنىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/b423/94e2/c9e4/5e0dd7ef32739.jpg?time=1719219902)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ خاتايدا بايانات بېرىپ، «ئۇ يەردە (ئىدلىبتا) يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار يۈزىسىدىن، خۇسۇسەن جەنۇب تەرەپتىن چېگرالىرىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان پۇقرالار ھەرىكەتلىنىشى مەۋجۇت. تەخمىنەن 250 مىڭ كىشىلىك بىر ھەرىكەتكە دۇچ كەلمەكتىمىز. بىز بۇنى بۇنىڭدىن بۇرۇنلا مۆلچەرلىگەنىدۇق ۋە بۇ ئىشنى خېلىدىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتاتتۇق. بۇ ھەرىكەتنى قەيەردە كۈتۈۋالىدىغانلىقىمىز ۋە قايسى خىل ئىنسانىي چارىلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىمىز توغرىسىدا بىر قاتار پىلانلارنى تۈزگەنىدۇق» دېدى.
ئۇ، «نە ئىدلىبتا، نە جەنۇبتىكى چېگرايىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدا بىز تەييارلىقسىز قالغان ھېچقانداق بىر ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.