6 يىلدا تەييارلانغان خەرىتە 14 كۈندە ئەخلەتكە ئايلاندى
تۈركىيە 6 يىلدا سىزىپ چىقىلغان خەرىتىنى 14 كۈندە ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
1293968
![6 يىلدا تەييارلانغان خەرىتە 14 كۈندە ئەخلەتكە ئايلاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9146/5899/2cb5/5da01f9e74898.jpg?time=1719151243)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئېلىپ بارغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» دىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىككى مۇھىم كېلىشىم ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدا 6 يىلدا سىزىپ چىقىلغان خەرىتە 14 كۈندە كۈلگە ئايلاندى.
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» نەتىجىسىدە ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئىككى كېلىشىم، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ساھەدىكى مەۋجۇدىيىتى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى دۇنيانىڭ سۈرىيە سىياسىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىدىن سىرتىغا سىقىپ چىقىرىۋەتتى.