چاۋۇشئوغلۇ MIKTA يىغىنىغا قاتناشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مېكسىكا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان MIKTA يىغىنىغا قاتناشتى.
![چاۋۇشئوغلۇ MIKTA يىغىنىغا قاتناشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1351/71bf/faab/5d8dc0793466a.jpg?time=1719240122)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە، مېكسىكا ھەم نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھەمدە ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان، مېكسىكا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان MIKTA نىڭ 15 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى.
چاۋۇشئوغلۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 74 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە چاقىرىلغان MIKTA نىڭ 15 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن قۇرۇلغان MIKTA، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان مۇنبەردۇر.»