چاۋۇشئوغلۇ: بىخەتەر رايون مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆزلىشىدىغان كۆپلىگەن نۇقتىلار بار

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان بىخەتەر رايونغا ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ تېخىمۇ كونكېرتلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى ئېيتتى.

1253003
چاۋۇشئوغلۇ: بىخەتەر رايون مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆزلىشىدىغان كۆپلىگەن نۇقتىلار بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ مىنىستىرلىق بىناسىدا سېرالىئون  تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى نابېئېلا تۇنىس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بەرگەن باياناتى ئەسناسىدا سۈرىيەدە قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان بىخەتەر رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «يەنە تېخىمۇ كونكېرتلاشتۇرۇلۇشى كېرەك بولغان نۇرغۇن مەسىلە بار. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمىز رايوندا ئۇچۇشنى باشلىدى. بۇ يەردىكى مەقسەت بىر بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش، ي پ گ  ۋە پ ك ك ئەزالىرىنى چىقىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بىخەتەر رايوننىڭ دائىرىسىنى 20 مىل قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ي پ گ چىقىرىپ تاشلىنىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ كولدۇرلىتىش تاكتىكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، «مۇنبىچتا مۇشۇنداق كولدۇرلىتىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئامېرىكا كولدۇرلىتىش مۇساپىسىنى تۈركىيەنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قورال ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانى پىروگراممىسىدىن رەسمىي شەكىلدە چىقىرىلمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر