شىرناقتىكى پارتلاشتا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى

شىرناقتا 11 – ئىيۇلدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بىر پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان ئەسكەر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا شېھىت بولدى.

1237634
شىرناقتىكى پارتلاشتا يارىلانغان ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 11 – ئىيۇلدا شىرناق رايونىدا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان بىر پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يارىلىنىپ بالنىستقا ئېلىنغان ئەسكەر، دوختۇرلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

باياناتتا، «بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلدى ئايرىلغان ئەزىز شېھىتىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئالىيجاناب مىللىتىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر