ئىدلىبتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىدا بىر تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1226724
ئىدلىبتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دىن، 10 – نومۇرلۇق تۈركىيە كۆزىتىش نۇقتىسىغا  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بىر تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقى، ئۈچ ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھۇجۇمدىن كېيىن بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت مۇھىم نۇقتىلارغا زەربە بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھۇجۇم توغرۇلۇق رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى باش ئىشتاب باشقارمىسىغا چاقىرتىلىپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئالاقە ئورنىتىلدى، بۇ ئارقىلىق ھۇجۇملارغا ئەڭ ئېغىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى رۇسىيە تەرەپكە بىلدۈردۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر