شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان « ھەربىي ھەرىكىتى» دە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1217272
![شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4687/8f67/57f7/5cef76fe803d1.jpg?time=1719184857)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» جەريانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورچىلارغا ئائىت پاناھ جايلار، ئوق - دورا ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» باشلانغاندىن بۇيان بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 45 كە يەتكەن.