ئەردوغان ئىلھام ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

1206481
ئەردوغان ئىلھام ئەلىيېۋغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1918 – يىلى 28 – ماي كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: «<بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> شوئارى ئاستىدا ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيمەن. دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ھەر ساھەدە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۈركىيە ئۈچۈنمۇ شان - شەرەپ مەنبەسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر