فەخرىتتىن ئالتۇن گېرمانىيەلىك ژۇرنالىستقا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇردى
جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فەخرىتتىن ئالتۇن، گېرمانىيەلىك ژۇرنالىستنىڭ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئاساسسىز سۆزلىرىگە جاۋاپ قايتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور فەخرىتتىن ئالتۇن، گېرمانىيەلىك ژۇرنالىستنىڭ، «تۈركىيە رۇسىيەدىن «<S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا «<S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىش ئىشلىرى تاماملىنىپ بولدى» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
گېرمانىيەنىڭ «Bild» گېزىتىنىڭ تاشقى سىياسەت مۇھەررىرى جۇلىيان روپكە ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
فەخرىتتىن ئالتۇنمۇ جۇلىيان روپكەنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان «دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ«Bild» گېزىتىگە بىلدۈرىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەدىن <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالمايدىغان بولدى» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.
فەخرىتتىن ئالتۇن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان جاۋابىدا، «سۆيۈملۈك جۇلىيان، مەنبەلىرىڭىز خاتا ئىكەن. مەلۇماتنى مانا مەندىن ئېلىڭ. <S-400> باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋىلىش ئىشلىرى تاماملىنىپ بولدى» دېدى.