ئىستانبۇلدىن يولغا چىققاندىن كېيىن قاراقچىلار تۇتۇپ كەتكەن پاراخوت تېپىلدى
ئاق دېڭىزدا لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن پالائۇ بايرىقى ئېسىلغان «Elhiblu 1» ناملىق پاراخوت مالتا ئارمىيەسى تەرىپىدىن كونتىروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.
1172263
![ئىستانبۇلدىن يولغا چىققاندىن كېيىن قاراقچىلار تۇتۇپ كەتكەن پاراخوت تېپىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d4d7/9d39/11ca/5c9c8357456b1.jpg?time=1719259539)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالتا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېز سۈرئەتلىك كاتىرلار بىلەن بېسىپ كېلىپ، پاراخوتنى تۇتۇپ كەتكەن قاراچىلارغا قارشى ھەرىكەتتە، پاراخوتنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىستانبۇل تۇزلادىن 22 – مارتتا يولغا چىققان، پالائۇ بايرىقى ئېسىلغان «Elhiblu 1» ناملىق نېفىت پاراخوتى تۈنۈگۈن ئاخشام لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
بويى 52 مېتىر كېلىدىغان پاراخوتنىڭ كاپاتانىنىڭ تۈركىيەلىك ئىكەنلىكى، خادىملاردىن 4 كىشىنىڭ ھىندىسانلىق ۋە بىرسىنىڭ لىۋىيەلىك ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.