ئەردوغان نېتانياھۇغا ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئىنكاس قايتۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزىنى دىكتاتورىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

1163167
ئەردوغان نېتانياھۇغا ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بەشتەپە مىللەت قۇرۇلتاي ۋە كۈلتۈر مەزكىرىدە دىنىي ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «5 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ياخشىلىق مۇكاپاتلىرى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلدى.

ئەردوغان سۆزى جەريانىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇرۇپ، «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى كامېرالارنىڭ ئالدىدا قەتل قىلغان پەلەستىنلىك ياش قىزلارنىڭ، مېيىپلارنىڭ، ياشانغانلارنىڭ تىراگېدىيەلىرىگە قىلچىلىك بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشمىدى. مانا نېتانياھۇ، تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۆلىتىدە ژۇرنالىستلار تۈرمىلەردە ئىمىش، بۇ سەۋەبتىن كۈچلۈك بىئاراملىق ھېس قىلغانمىش. نېتانياھۇ سەن زالىمسەن. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيەدە سايلام بار دەپ، تۈرمىلەردە مىڭلارچە بالا، ئايال ۋە ياشانغانلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلارغا زۇلۇم سالغان سەن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر دۇنيادا بىر زالىم ئىزدەيدىغان ئىش بولسا، ئۇ دەل سەن. نومۇس قىلماستىن گەپ قىلىۋاتىسەن. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىبادەتخانىلىرىمىزغا، مەسجىدى ئەقسامىزغا ئۆتۈكلەر بىلەن كىرگەنلەر سېنىڭ ئەسكەرلىرىڭ، سېنىڭ ساقچىلىرىڭ ئەمەسمۇ؟ بۇنى قانداق ئىزاھلايسەن؟ بۇ قاماقتىكى بىر قانچە ژۇرنالىستقا ئوخشىمايدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بىزنى قۇتراتماقچى بولغان بولساڭ، بىز قۇترىمايمىز. چۈنكى بىز بۇ ئويۇنلارغا ئەگىشىپ قۇترىمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىر دۇنياۋى دىننىڭ مەنسۇپلىرىمىز. بۇ ئويۇنغا ئالدانمايمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە مىسىردىكى ئۆلۈم جازالىرىغا سۈكۈت قىلغان غەرب دۇنياسىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ياشلارنىڭ ئازابىنى قەلبلىرىدە ھېس قىلىشمىدى. تېخى يېقىندا 9 ياشنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتى. ئەمدى بۇ يەردىن خىتاب قىلىمەن؛ ئەي غەرب، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئۆلۈم جازاسى چەكلىنەتتىغۇ؟» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر