تۈركىيەنىڭ «ئۇپۇقتىن ھالقىغان قوغدىغۇچى كېمە» ناملىق ئاخبارات توپلاش پاراخوتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىمكانىيەتلىرى ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقارغان «ئۇپۇقتىن ھالقىغان قوغدىغۇچى كېمە» ناملىق تۇنجى ئاخبارات توپلاش پاراخوتى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.

1141858
تۈركىيەنىڭ «ئۇپۇقتىن ھالقىغان قوغدىغۇچى كېمە» ناملىق ئاخبارات توپلاش پاراخوتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى تۇزلا كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، « A-591» تىپلىق ۋە  «ئۇپۇقتىن ھالقىغان قوغدىغۇچى كېمە» ناملىق تۇنجى ئاخبارات توپلاش پاراخوتىنى دېڭىزغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ يېقىنقى 16 يىلدىن بۇيان قايتىدىن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە كېمىسازلىق سانائىتىدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم بىر كۈچكە ئايلاندى.»

يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە دائېش ۋە پ ك ك قاتارلىق تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ جېنىغا قەست قىلىۋاتقان، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەشتە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، دۇنيادىكى قولى قانلىق تېررورچىلارلارغا قورال - ياراغ ياردەم قىلغان كۈچلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ قورال - ياراغ سېتىۋېىلىشى مەسىلىسىدە ئەقىلگە سىغمايدىغان توسالغۇلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائېشتىن تارتىپ  پ ك ك غىچە، ئەلقائىدەدىن تارتىپ ئەششەبابقىغە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈۋاتقان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نىڭ قولىدا غەرب ئەللىرىنىڭ قورال – ياراغلىرى بارلىقىنى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېتنىك تازىلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان  پ ي د/ي پ گ لىق قاتىللارنىڭ قولىدىمۇ تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئائىت بولغان راكېتامىيوتلار، بومبىلار، قورال – ياراغلار ۋە ئوق – دورىلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر مەنزىرە ئالدىدا تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتمەي قاراپ تۇرۇشى، مىللىي بىخەتەرلىكىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنساپىغا قالدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، بىزمۇ دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەم كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرىدىن، ھەم رايونىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن، ھەم تارىخىمىزدىكى مۇھىم ھادىسىلەردىن  تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،  دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، تەخمىنەن 8600  كىلوۋاتلىق كۈچكە ۋە 10 توننىلىق بىر  تىك ئۇچار ئايروپىلان قونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە  ئۇپۇقتىن ھالقىغان قوغدىغۇچى كېمە» ناملىق ئاخبارات توپلاش پاراخوتى، ھاۋا شارائىتى قاتتىق ناچار ۋاقىتلاردىمۇ ئۇدا توختاۋسىز 45 كۈن ھەرىكەت قىلىپ، تەھدىتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلالايدىكەن، بۇ پاراخوتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق، سىناق ۋە مەشق سىستېمىلىرىنى ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى تەمىنلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر