ئەردوغان مۇنبىچتىكى تېررورچىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1132907
ئەردوغان مۇنبىچتىكى تېررورچىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن تۈنۈگۈن موسكۋادىن تۈركىيەگە قايتىشىدا، ئايروپىلاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ نىڭ مۇنبىچنى بوشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنبىچتىكى ي پ گ لىق تېررورچىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە مۇنبىچتا مىڭ پ ي د/ي پ گ لىق تېررورچى بار. مۇنبىچتا ي پ گ يوق دېگۈچىلەرمۇ بار، ئەمما بىزنىڭ قولىمىزدىكى مەلۇماتلاردا مۇنبىچتىكى تېررورچىلارنىڭ سانى مۇشۇنداق. شەھەرنىڭ نوپۇسىنىڭ % 85 – 90 تىنى سۈننىي ئەرەبلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرى ھەممىگە ئايان.  رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ نىڭ مۇنبىچنى بوشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ،  بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇلار <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ نىشانىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىدلىبتىمۇ، مۇنبىچتىمۇ، <فىرات دەرياسى> نىڭ شەرقىي قىسمىدا بىخەتەرلىك ھەم مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرالىغۇدەك كۈچ ھەم ئىقتىدارغا ئىگىمىز. بىزنىڭ پ ي د/ي پ گ مەسىلىسىدە پوزىتسىيەمىز ئىنتايىن كەسكىن ھەم روشەندۇر، بىز سۈرىيەدىكى كورد قېرىنداشلىرىمىزغا باشقىلاردىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇ ھەقتە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/ي پ گ بىلەن كورد قېرىنداشلىرىمىزغا  بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرمەسلىكنىڭ ھېچقانداق ئىزاھاتى يوقتۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا 1988 – يىلى تۈزۈلگەن «ئادانا كېلىشىم» نىڭ مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدىغان مۇھىم بىر كېلىشىم دەپ قارايمەن. <تۈركىيەنى بۇ يەرگە كىم تەكلىپ قىلىپتۇ؟> دېگۈچىلەرنىڭ ئالدىغا بۇ كېلىشىمنى قويۇشىمىز لازىم. دەرۋەقە، بۇ كېلىشىمگە دادا ئەسەد ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ قىممىتىنى بىلىش كېرەك.»

«ئاستانا باسقۇچى» نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە ئىشلار تېخىچە ئىزىغا چۈشكىنى يوق، چۈنكى سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، بىز <ئاستانا باسقۇچى> نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلارغا قارشى بۇ باسقۇچنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز، دەرۋەقە بۇ باسقۇچنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ناھايىتى مۇھىم. سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتى مەسىلىسى بار، بۇ ھەقتە بەزىلەر قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ، بەزىلەر <بىزنىڭ سۈرىيە مەسىلىسگە ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز بار، سىلەرنىڭ يوق>، دەپ  ئويلاۋاتىدۇ.»

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا <ۋىزىسىز ساياھەت> مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنىڭ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتىكى قارارنامە پۇتىننىڭ ئىمزاسىنى كۈتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر