ئىراقنىڭ شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى راپ، سىنات – ھافتانىن ۋە ھاقۇرق رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
1129914
![ئىراقنىڭ شىمالىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0504/88d6/c4f8/5c45631d2bebe.jpg?time=1719175808)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى راپ، سىنات – ھافتانىن ۋە ھاقۇرق رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، تۈركىيە قىسىملىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كەم دېگەندە 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، تېررورچىلارنىڭ پاناھ جايلىرى، غارلىرى ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.