ئەردوغان: زېمىنىمىزغا كۆز تىككەنلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ تاشلايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ بىرىنچى يىلىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

1129414
ئەردوغان: زېمىنىمىزغا كۆز تىككەنلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ تاشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوردۇدىكى نامزات تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «ئافرىندا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تونېللارغا كۆمدۇق. جەرابلۇستا، ئەلبابتا، جۇدىدە، گاباردا، تەندۈرەكتە كۆمدۇق ۋە بۈگۈنلەرگە يېتىپ كەلدۇق» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «بىزنى بۆلەلمەيسىلەر، بىزنى پارچىلىيالمايسىلەر. زېمىنلىرىمىزغا كۆز تىككەنلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئويۇپ تاشلايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر