ئەردوغان فازىل ساينىڭ ئەنقەرەدىكى كونسېرتىغا قاتناشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە پىيانىست فازىل ساينىڭ «ترۇۋا مۇزىكىلىق تىياتىرى» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئېچىلىشىغا قاتناشتى.

1128937
ئەردوغان فازىل ساينىڭ ئەنقەرەدىكى كونسېرتىغا قاتناشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن كونسېرتتىن كېيىن، ئەردوغان سەھنىگە چىقىپ، فازىل ساينى تەبرىكلىدى. ئاتاقلىق پىيانىستنى جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدىمۇ كونسىرت بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

ئەردوغان فازىل سايغا ئاشىق ۋەيسەلنىڭ «مېنىڭ سادىق يارىم قارا تۇپراقتۇر» ناملىق لىنتىسىنى ھەدىيە قىلىپ رەخمەت ئېيتتى.

ئاندىن ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىنى فۇئات ئوكتاي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە مۇنبەرگە چىققاندا، فازىل ساي ئۇلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتتى ۋە مۇزىكا لىنتىسىغا ئىمزا قويۇپ، ھەدىيە قىلدى. 

كونسېرتقا ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىس مۇئاۋىنى فۇئات ئوكتاي، كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى زىيا سەلجۇق، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكتىن باشقا يەنە، ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى لىندسېي گىراھاممۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر