چاۋۇشئوغلۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرىشى ئارقىلىق دۇنياغا ئۈلگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1103754
چاۋۇشئوغلۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى (1948 – يىلى 10 – دېكابىر) مۇناسىۋىتى بىلەن بىر پارچە تېلېگرامما تارقاتتى.

ب د ت نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان تۈركىيەنىڭ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئىنسانىي ۋە تەشەببۇسكار تاشقى سىياسىتىگە تايىنىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ كۈرەش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۈلگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارغا ۋە ئىنسانىي كىرىزىسلارغا قارشى كۈرەشنى خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورناتقان ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە پۈتكۈل دۇنياغا نامايان قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىپ گۈللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر