ئەردوغان كاراكاستىن ئايرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېسۇئېلادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

1099911
ئەردوغان كاراكاستىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېسۇئېلادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيە ۋاقتى سەھەر سائەت 3 تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە TC-TRK تىپلىق مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پايتەخت كاراكاستىن ئايرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كاراكاس سىمون بولىۋار ئايرودۇرۇمىدىن ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتىنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى دېلسي رودرىگۇئېز، تۈركىيەنىڭ كاراكاستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شەۋقىي مۇتەۋەللىئوغلۇ، ۋېنېسۇئېلانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوسې براچو رېيېس ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملار تەرىپىدىن يولغا سېلىپ قويۇلدى.

ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجانمۇ كاراكاستىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر