ئەردوغان پاراگۋايغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئاسۇنسىيوندىكى تارىخىي ھۆكۈمەت بىناسىدا پاراگۋاي پىرېزىدېنتى بېنىتېز بىلەن كۆرۈشتى.

1099076
ئەردوغان پاراگۋايغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پاراگۋايغا بارغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننى پاراگۋاي رەھبىرى مارىئو ئابدو بېنىتېز رەپىقىسى بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئاسۇنسىيوندىكى تارىخىي ھۆكۈمەت بىناسى لوپېز سارىيىدا قارشى ئالدى.

پوپېز سارىيىنىڭ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئىككى دۆلەت مىللىي مارشلىرى ئوقۇلغان رەسمىي مۇراسىمدىن كېيىن ئەردوغان بىلەن بېنىتېز ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئەردوغانغا دۆلەت مېداليونى تەقدىم قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تۈركىيە ھەيئىتى مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن كېيىن سارايدىن ئايرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لوپېز سارىيىدىن چىقىۋېتىپ، ئۆزىنى خېلى ئۇزۇنغىچە كۈتۈپ تۇرغان بىر تۈركۈم تۈركلەر بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر