ئەردوغان بىلەن پۇتىن كۆرۈشتى

گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلغان ئارگېنتىنادا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىددېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئايرىم كۆرۈشتى.

1098715
ئەردوغان بىلەن پۇتىن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان ئارگېنتىنادا چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارماقتا.

ئەردوغان بۇ دائىرىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن  كۆرۈشتى.

ئەردوغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىمۇ قوبۇل قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلغان كوستا سالگۇئېرو يەرمەنكە زالىدا تاراتقۇلارغا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرۈشۈش 40 مىنۇت داۋاملاشتى.

كۆرۈشۈشكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلو، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، خەزىنە ۋە مالىيە مىنسىتىرى بەرات ئالبايراك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، سودا مىنىستىرى رۇھسار پەكجان، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئورگىنى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە مىللىي ئىستىخبارات باشلىقى ھاكان فىدانمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر