ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1096956
ئەردوغان ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان كۈنتەرتىپتىكى ئۆزگىرىشلەر، قارادېڭىزدىكى رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغان ترامپقا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ترامپ، ئارگېنتىنادا مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش توغرۇلۇق كېلىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر