چاۋۇشئوغلۇ ئابې بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشتى.

1082567
چاۋۇشئوغلۇ ئابې بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، سۈرىيەدە 3 يىل گۆرۈدە تۇتۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا قويۇپ بېرىلگەن ياپون ژۇرنالىست جۇمپېئى ياسۇدا ئۈچۈن باشتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ۋە مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بولۇپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ساھەدە، ھەر سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇمۇ ژۇرنالىست ياسۇدانىڭ ساق – سالامەت ئۆيىگە قايتالىغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

«بۇ زىيارىتىمدە ناھايىتى ياخشى بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق رەھبەرلەر بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۈم» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەدىكى زىيارىتى جەريانىدا تۈنۈگۈن مەنسەپدىشى تارو كونو بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر