سەئۇدى ئەرەبىستان جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ھەيئەت ئەۋەتتى
ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بىر ھەيئەت تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.
![سەئۇدى ئەرەبىستان جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە ھەيئەت ئەۋەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/71a8/78f6/0950/5bc0784125380.jpg?time=1719309726)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەيئىتى بىلەن تۈرك مەسئۇللار ئوتتۇرىسىدا ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم بىر مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان ئەل ۋەتەن گېزىتىگە زور تۆھپە قوشقان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىدىمۇ يازغۇچىلىق قىلغان جەمال قاشىقچى 2 – ئۆكتەبىردە بەزى رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرى جەمال قاشىقچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش دائىرىلىرى شۇ كۈنى 2 ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا كەلگەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كىشىنىڭ يەنە شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلارنىمۇ ھەمبەھىرلەشكەن ئىدى.
ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى جەمال قاشىقچىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە ئالاقىدار باشلىغان تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.