ئەردوغان: ئىسلامدا تېررورلۇقنىڭ ئورنى يوقتۇر

گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاخىرقى بېكىتى كۆلن شەھىرى بولدى.

1059315
ئەردوغان: ئىسلامدا تېررورلۇقنىڭ ئورنى يوقتۇر
erdogan almanya cami1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بېرلىندىكى بازاردا پۇقرالارنى قەتل قىلغان دائېش تەلۋىلىرى نېمە بولسا، 2 ئاي ئىلگىرى 11 ئايلىق بەدىرخان بوۋاقنى ئانىسى بىلەن بىرلىكتە شېھىت قىلىۋەتكەن پ ك ك قاتىللىرى ئۇدۇر» دېدى.

گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاخىرقى بېكىتى كۆلن شەھىرى بولدى؛ ئۇ، كۆلندىكى گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى بولغان دىيانەت ئىشلىرى تۈرك – ئىسلام بىرلىكى مەركىزىي جامەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئىسلامنىڭ تىنچلىق دىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە «ئىسلامدا تېررورلۇقنىڭ ئورنى يوقتۇر» دېدى.

«خىرىسىيان تېررورلۇقى»، «مۇسەۋىي تېررورلۇقى»، «بۇددىست تېررورلۇقى» دېگەندەك سۈپەتلەر قانداق خاتا بولسا، «ئىسلامىي تېررورلۇق» دېگەن ئۇقۇمنىڭمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

«بارلىق تەرەپلەرنى تېررورغا تۇراقلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، قاتىللارغا قارشى پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرماستىن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەدلىيە ساھەسىدىكى قوش ئۆلچەملەرنىمۇ ئەيىبلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر