ئەمىنە ئەردوغان بېرلىندا بېرگاما مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا بېرگاما مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.
![ئەمىنە ئەردوغان بېرلىندا بېرگاما مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7224/f27e/a44d/5badf7080f054.jpg?time=1719189100)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە زىيارىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولۇۋاتقان ئەمىنە ئەردوغان، رېمونت ئىشلىرى سەۋەبىدىن بىر قىسمى تاقاق بولغان بېرگاما مۇزېيىنى زىيارىتى جەريانىدا، مۇزېي مەسئۇللىرىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدى.
مۇزېينى زىيارىتى جەريانىدا سۈرىيەلىك بىر مېھمان سەنئەتكار بىلەنمۇ تونۇشقان ئەمىنە ئەردوغان، ئىچكى ئۇرۇش ۋە كۆچمەنلىك بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن سۈرىيەنىڭ بايلىقلىرى تونۇشتۇرۇغان ئەسىرى ھەققىدە سەنئەتكاردىن ئۇچۇر ئىگىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان مۇزېيلار قاتاردىن ئورۇن ئالغان بېرگامدا مۇزېيىدا، تۈركىيەدىن ئېلىپ بېرىلغان «زېئۇس ئىبادەتخانىسى» مۇ بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ، قەدىمكى دەۋرلەرگە ئائىت يادىكارلىقلار، يېقىن شەرق ئاسارە – ئەتىقىلىرى ۋە ئىسلام يادىكارلىقلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان مۇزېيدا، تۈركىيەدىن ئېلىپ بېرىلغان كۆپ ساندا ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلارمۇ بار ئىكەن.