ئەردوغان گېرمانىيەدە «Neue Wache» مەقبىرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك ۋالتېر ستېمېيېرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىپ بېرىۋاتقان گېرمانىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، «Neue Wache» مەقبىرىسىنىمۇ زىيارەت قىلدى.

1058844
ئەردوغان گېرمانىيەدە «Neue Wache» مەقبىرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېرلىندىكى زىيارىتى دائىرىسىدە، باش مىنىستىرلىق بىناسىدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئەردوغان بىلەن مېركېل قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ئەردوغان يېغىندىن كېيىن «Neue Wache» مەقبىرىسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، گۈلچەمبىرەك قويدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيە شىركەتلىرى بىلەن يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئاندىن بېللاۋۇ سارىيىدا رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتكە ئىشتىراك قىلىدۇ. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر